Peyghembirimiz Muhammed (a.s) APK
App information
Version 0.1 (#1381336253)
Updated 2013-10-09
APK Size 276.2 KB
Requires Android Android 2.1+ (Eclair)
Offered by ewlat.net
Category Free Video Players & Editors App
App id com.wUyghurIslamCartoon
Screenshot
Click on the image to see full size
Table of contents
Editor's review
Download the latest Peyghembirimiz Muhammed (a.s) application, version 0.1, compatible with Windows 10/11 (using emulators such as Bluestacks), Android devices. This free Video Players & Editors app is developed by ewlat.net and is easy to download and install.
Previous versions, including 0.1, are also available. If you need help or have any problems, please let us know.
Description
ئەۋلاد تەلىم - تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تارقاتقان "ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز.
بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بار. (تەييارلىنىۋاتقان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى قوشۇلۇپ, داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.)
ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
1-3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىپ تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان - ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتونلار;
2-32 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتونلار;
3 - ياش - ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئاچا - سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۈچۈن ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتونلار;
4 - قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان يۈرۈشلۈك "قۇرئانى كەرىم خەتمى" پىلاستىنكىسى. بۇ پىلاستىنكىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تۈركىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ۋەتىنىمىزنىمۇ زىيارەت قىلغان قارىيلاردىن ئىسھاق دانىش قارىي ئوقۇغان بولۇپ, ئېكراندا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە تېكىستى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئۈستىدە ئوقۇلۇۋاتقان سۈرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئايەت نۇمۇرلىدىن باشقا مەككىدە ياكى مەدىنەدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇلىۋاتقان كەلىمىنىڭ ئۈستى يېشىلغا بويىلىپ ماڭغاندىن سىرت كەلىمىنىڭ ئاستىدا ئوق ئىشارىتى مېڭىپ تۇرىدۇ. ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىدە بولسا ئوقۇلۇۋاتقان ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار.
5 - سېنارىيەسىنى يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالدۇرغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان "ھەزرىتى ئۆمەر" ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى;
6 - 30 ئۇنىڭدىن باشقا قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئاندىكى ھۆكۈملەر" ناملىق قىسقا كارتونلارمۇ ئاللاھنىڭ مۇيەسسەر قىلىشى بىلەن ئالدىمىزدىكى ئايلاردا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.
مەخسىتىمىز - ئاللاھتائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقىمىز ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دىنىمىزنى ئۆگىنىشى ۋە تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن زاماننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەۋلاد تورىدىكى سىنلەردىن يانفونلىرىدىمۇ بىمالال پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەپنى تارقاتتۇق.
بۇ يولدا ماددىي - مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە يار - يۆلەك بولۇشىڭىزنى, قولىڭىزدىن كېلىشىچە
بىز بىلەن ھەمدەم بولۇشىڭىزنى, ئۇشبۇ ئەپنى, تور بېكىتىمىزنى ۋە تور بېكىتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى, يەتكۈزۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.
بۇ ماتېرىياللار, بىرەر كىشىنىڭ دىنىمىزنى چۈشىنىپ, ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ياشىشىغا سەۋەب بولالىسا, مەقسىتىمىزگە يەتكەن بولىمىز.
بۇ ئەپنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كىشىگە يەتكۈزسىڭىز شۇنچە ياخشى!
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقلىرىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم - تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى
تور بەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net
ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com
App permissions
Peyghembirimiz Muhammed (a.s) 0.1 APK requires following permissions:
Allows applications to open network sockets.
Allows applications to access information about networks.
Ratings and Reviews
Rating: 4.6/5 based on Less than 100 reviews
(*) is required
Previous versions
Peyghembirimiz Muhammed (a.s) 0.1 APK for Windows (#1381336253, 276.2 KB)
Similar to Peyghembirimiz Muhammed (a.s)
Habbits of Prophet Muhammad(S.A.W) APK
Biography of Prophet Muhammad APK
Islamic Stories of Prophets APK
أقوال أبو بكر وعمر بن الخطاب APK
More from ewlat.net
Top download apps
Resso Music - Songs & Lyrics APK